ulanma.cn---ئۇلانما تورى-تور دۇنياسىدىكى يېڭىلىقلارنى،بىلىملەرنى،ئۇچۇرلارنى تورداشلار ئارا ئورتاقلىشىدىغان،ئۇلانما قىلىدىغان تور سەھنىسى.ھەممىزگە مەلۇم ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بىكەتلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ قايسى تور بەتكە قانداق يېڭىلىقلار يوللىنىۋاتىدۇ،قانداق مەزمونلار قوشىلىۋاتىدۇ..بىزبۇنى بىرمۇبىر تور بىكەت ئارىلاپ بىلىپ بۇلال ...
داۋامىنى بۇ يەرنى بىسىپ كۆرۈڭ
بۇ ئۇلانمىغا جەمئى 165 ئىنكاس يېزىلدى
قۇتلۇق
05:13 18-08-2011
ئەسسالامۇئەلەيكۇم :
ئۇلانما تورىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر توردۇنياسىغا مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنلاردىن بەھىرلىنىدىن بىر يىڭىلىق ئېلىپ ئېجاد قىلىپ ئۇيغۇر تورەققىياتىغا ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقىنىڭلار ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ سۆيۈندۈم ، بۇ بىزدىكى بەزى كۆمۇلۇپ قالغان نادىر ئەسەرلەرنى ۋە ئۇيغۇر توربىكەتلەردىكى مەزمۇنلارنى ۋە شۇنداق كۆپ توربىكەتلەرنى زىيارەت قىلىشقا ھەقىقەتەن پايدىلىق بىر توربىكەت بۇلۇپ قالدى ،ھەمدە بۇنى جاپاكەش تور باشلىرى ئۈچۈن ھەقسىز يولغا قويغانلىقىڭلارغا ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم ، ئاللاھ ئەجرىڭلار بەرسۇن !
بۈگۈن ئۇلانما تورى توپىدا بەزى پاراڭلار بۇلۇپ ئۆتتى ئۇلانمىنىڭ رەسىمى چىقارمارسلىق ۋە تەكرار ئۇلانمىلار ۋە تەكرار كىنو فىلىملەر يوللانغانلىق توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلدۇق ،شۇ ڭا ئۆز پىكىرىمنى خىزمەتچىلەرگە بىلدۈرۈش توغرىسىدا بۇ مەزمۇننى يېزىۋاتىمەن.
ئۇلانما رەسىمى يوللىماسلىق مەسىلە
مىنىڭچە رەسىم يوللاش رازمىسىسىنىڭ (كۆزنىكىنىڭ) ياندىكى رەسىم بولمىسا يوللىمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ دىگەن خەتنى قىزىل قىلىپ يوللىمىسڭىز تەستىقلانماسلىقى مۇمكىن دەپ يىزىپ قويساق كۆرۈنەرلىك ئۈنىمى بۇلىدۇ دەپ قارايمەن،
2. كىنو فىلىمنىڭ تەكرارلىق مەسىلىسى
بۇ مەسلە ھەقىقەتەن قىيىنكەن ، ھازىر تۈركىيەنىڭ كىنولىرىنى بۆلۈپ بازار غا سېلىش مودا بۇلۇپ قالدى ، كۆپىنچە كىنولار 56 ،youku لاردىن نەقىل قىلىپ يوللىنىدۇ ،(بىزنىڭمۇ تىزرەك مۇشۇنداق بىكىتىمىز بولسا ياخشى بۇلاتتى)شۇلارنىڭ تەستىقىنى كۈتۈشكە توغرا كىلىدۇ ، تەستىقتىن ئۆتۈش ۋاقتى ئوخشاش بولمىغاندەك بىكەت باشلىرىمۇ تىزرەك شۇ فىلىمنى بىكىتىگە چىقىرىپ زىيارەتچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە ئالدىرايدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلە سەۋەپلىك تەكرار ئۇلانما مەيدانغا كىلىدىغان ئىش يۈز بىرىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئەڭ كۆپى ئۇنۋىرسال بىكەت ھەممىسىدە كىنو بار ،بۇنى ھەل قىلىش ئۇچۈن تېخنىكىلق مەسىلە قوللانساڭلار ياخشى بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن ، ئادەتتە بۇ ئىقتىدار ئۇلانما تورىدا بار، بۇ ئۇلانما قوشۇلۇپ بولغان دىگەندەك ،
3. خەۋەر نىڭ تەكرارلىقى
خەۋەر كۈندە يىڭىلىدىغان ئۇچۇر شۇڭا تەكرار بولۇپ قالسا تەستىقلىمىساق ،ئەسەر ماقالە ،شېئېر شۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلار پايدىلىق قىممىتى بولسا مىنىڭچە تەستىقلىساڭلار بۇلىدۇ دەپ قارايمەن ، چۈنكى تورغا كۈندە يىڭى يىڭى ئابۇنىتلار كىرىپ تۇرىدۇ ، مەزمۇنلار جەلىپ قىلالىسا ئاندىن مەزمۇننى كۆرۈدۇ بولمىسا باشقا بىكەتنى ۋاراقلايدۇ، ئىزدەپ كۆرۈدىغانلار بەكمۇ ئاز .بۇ مەسىلىلىلەرنى سىلەر چوقۇم ياخشى ھەل قىلالايسىلەر دەپ ئويلايمەن ، ئاخىرىدا تىنىڭلارنىڭ سالامەت ،ئىشىڭلارنىڭ ئاسان، ئۇتۇقلۇق ، خىزمىتىڭلارنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشىنى ئۇمىد قىلىمەن
ھۆرمەت بىلەن ئۇزچىن تورىدىن يىلماز
نەقىل كەلتۈرۈش
جەسسۇر
42:12 18-08-2011
ئۇلارنما تورى خەلقىمىزگە يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە نۇرغۇنلىغان نەپ ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ.
شۇنداقلار بىكەت باشلىقلىرىنىڭمۇ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئىرشىپ كىلىۋاتىدۇ.
تەكلىپ : ئۇلارنما تورىنىڭ نۆۋەتتىكى تۇزۇلىشى ناھايىتى قولايلىق بولسىمۇ ، بىز ئۆزىمىزنى كۆزدە تۇتماستىن بەلكى ئەڭ كۆپ ساندى تورغا چىققىچىلارنى كۆزدە تۇتۇشىمىز كېرەك ، مىللىتىمىزنىڭ كومپىيۇتېر ئىشلىتىش سەۋىيەسى يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ ، تور غا چىققۇچىلارنىڭ ياش قاتلىمىمۇ ھەر خىل شۇنىڭ ئۇچۇن باش بەتكە زۆرۇر ئۆزگەرتىش كىرگۇزۇش كېرەك ، مەزمۇنلار يىپىق (يىغىنچاق) ھالەتتە بولغاندا نۇرغۇنلىغان زىيارەتچىلەر ئۆزىگە ئىھتىياجلىق بولغان بىلىملەرنى تاللاپ كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن ، ئويلىنىپ باقساڭلار.
sazgu.net
نەقىل كەلتۈرۈش
ئۇچقۇن
46:00 14-08-2011
ئىنكاسىم نىمىشقا چىقمايدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟
نەقىل كەلتۈرۈش
xirwajim
12:15 13-08-2011
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .توربىتىمىزنىڭ API نى ئىچىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن .
http://www.burkut.biz
باشقۇرغۇچى جاۋابى:
API ئېچىۋېتىلدى. تور بېكىتىمىز قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئۇلانما يوللىشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.
نەقىل كەلتۈرۈش
مۇھەممەد ئەلى
24:13 13-08-2011
www.avlat.com بۇ تورنىڭ ئايپى سىنىمۇ ئېچۋەتكەن بولسىگىز
باشقۇرغۇچى جاۋابى: بېتىڭىزنىڭ ئەسلى كودىدا مەسىلە بار ئىكەن، مۇناسىۋەتلىك تېلىفون ياكى QQ نومۇر ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىۋېلىڭ.
نەقىل كەلتۈرۈش
ئادىلجان ئابلىز
04:03 13-08-2011
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇلانما تورى باشقۇرغۇچىلىرى ، سايرام مائارىپ ئۇچۇر تورى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىدى،بىزگىمۇ api ئېغىزنى ئېچىپ قوللاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قلىمەن
ئادرېس:
www.sayram.biz
sayram.biz
bbs.sayram.biz
باشقۇرغۇچى جاۋابى: بېكىتىڭلاردىن ئۇلانما تورىدا كۆرسىتىش كۇنۇپكىسىنى تاپالماي قالدۇق
نەقىل كەلتۈرۈش
ئۇچقۇن
08:23 11-08-2011
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
ئۇچقۇن تورىنىڭ apiئېغىزىنى ئېچىپ بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن .
بېكەت ئادىرسى :http://uqkun.net
باشقۇرغۇچى جاۋابى:
API ئېچىۋېتىلدى. تور بېكىتىمىز قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئۇلانما يوللىشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.
نەقىل كەلتۈرۈش